تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى.
تەۋسىيە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆز ئۇچۇرىدا: «ياۋروپا تەكۋاندو ۋە مېيىپلار تەكۋاندو چېمپىيونلۇقىدا 6 ئالتۇن، 4 كۈمۈش، 12 مىس بولۇپ جەمئىي 22 مېدال قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇدا 3-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن مىللىي تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى، بىزنى پەخىرلەندۈرگەن بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋەبلىك چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.










