باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ھۇجۇمدا 21 بالا ۋە 10 ئايال بولۇپ جەمئىي 44 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنداقلا 8 بالا ۋە 9 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 كىشى يارىلانغان. نۆۋەتتە رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
مەلۇمكى، يەمەن 2014-يىلى سېنتەبىردە ھۇسىيلار پايتەخت سەنئا ۋە بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنى كونتروللۇقىغا ئالغاندىن كېيىن پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان قانۇنلۇق يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە. يېقىنقى مەزگىللەردە يەمەندە ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھۇسىيلار ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ، بۇ دۆلەتكە ئارقا-ئارقىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقتا.
















