خىتاي جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىران ئۇرۇشى كۆلەڭگىسى ئاستىدا خەلقئارا ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە 2017-يىلىدىن بۇيان خىتايغا قىلغان بۇ تۇنجى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى رەھبەر ھەم ئىككى دۆلەت ھەم دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈپ مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، تەرەپلەر بىر يۈرۈش «يېڭى ئورتاق چۈشەنچىلەر» نى ھاسىل قىلغان.
باياناتتا، رەھبەرلەرنىڭ «ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى بەلگىلەش، مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىم، ساغلام ۋە ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تىنچلىق، گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە، ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىققا ئاساسلانغان ئىجابىي خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا يېڭى بىر كۆز قاراش» ئۈستىدە كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتچى، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يەنە «ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم ئورتاق چۈشەنچىلەر» نى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ «ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن مەنپەئەتنى زورايتقانلىقى ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان مۇقىملىق بىلەن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش تۇيغۇسى بەخش ئەتكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.
پەيشەنبە كۈنى بايانات بەرگەن ترامپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە بېيجىڭنىڭ ئىرانغا ھەربىي تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ئىرانغا ھەربىي جابدۇقلارنى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر بايانات» دېگەن ئىدى.
خىتاي: ئىران ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق
يەنە ب بىر تەرەپتىن خىتاي، شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ترامپنى كۈتۈۋالغان جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ «داۋاملىشىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى» ئيېتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، تەرەپلەرنىڭ ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان-قىلمىغانلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «باشتىن-ئاخىر يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان بۇ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.
باياناتچى: «كىرىزىسنى بالدۇر ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر چارىنى تېپىپ چىقىش، پەقەت ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭلا ئەمەس، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ قالغان قىسمىنىڭمۇ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇندۇر» دېدى.
دىيالوگ دەرۋازىسىنىڭ ئەمدى ئېچىلغانلىقىنى ۋە «قايتىدىن تاقالماسلىقى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىگەن باياناتچى، ھەم جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا تاشلانغان قەدەملەرنى ھەم كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى. شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن دىيالوگ ۋە مەسلىھەتلىشىشلەرنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئورتاق ھالدا مۇقىم ھەم ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ھالەتتە تۇتۇش ئۈچۈن، توشۇش لىنىيەلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن ئېچىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوتتۇرا شەرق بىلەن پارىس قولتۇقى رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ھەمدە رايون ئۈچۈن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ترامپ پەيشەنبە كۈنى FOX News تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، شى جىنپىڭنىڭ «بىر كېلىشىم تۈزۈلۈشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى. ترامپ: «شى جىنپىڭ، <ئەگەر ھەرقانداق بىر شەكىلدە ياردىمىم تەگسە، ياردەم قىلىشنى خالايمەن> دېدى. بۇنچە كۆپ نېفىت سېتىۋالىدىغان بىر دۆلەتىڭ ئەلۋەتتە مەلۇم بىر مۇناسىۋىتى بار، لېكىن ئۇمۇ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايدۇ» دېگەن ئىدى.
دىپلوماتىك ئالاقىلەر ۋە رايونلۇق ئارقا كۆرۈنۈش
شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ئالدىنقى يىلى جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئۈچۈن رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ۋە كەچلىك تاماق زىياپىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئىككى رەھبەر پەيشەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جەننەت ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.
ئىككى رەھبەر جۈمە كۈنى سالاملىشىش مۇراسىمى ۋە دوستلۇق سۈرىتىگە چۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ترامپنى ئايرىم چاي ۋە خىزمەت زىياپىتىدە كۈتۈۋالدى. ترامپنىڭ بۇ پىروگراممىدىن كېيىن بېيجىڭدىن ئايرىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قوزغىغان ھۇجۇملىرىنى باشلىشىدىن كېيىن كېلىپ چىققان، ئىراننىڭ پارىس قولتۇقىدىكى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلغان قايتۇرما ھۇجۇمى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشى بىلەن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى.
رايوندا ھازىرچە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلماقتا.









