«خەلقئارلىق ھاۋا ئۇرۇش پىروگراممىسى» شېرىكلىرىنىڭ 2035-يىلى ئۈچۈن ئالتىنچى ئەۋلاد يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە (ستېلس) ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، مەزكۇر توختام ئايروپىلان لايىھەسى ۋە سىناق جەريانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە، يېڭى ئەۋلاد يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇرۇشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ چىقىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 4.6 مىليارد فوندستېرلىڭلىق (6.1 مىليارد دوللارلىق) بىر توختامغا ئىمزا قويدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ 2035-يىلى ھەربىي قورال-ياراق ئامبىرىغا كىرىشى نىشانلانغان ئالتىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزلىگەن «خەلقئارلىق ھاۋا ئۇرۇش پىروگراممىسى» (GCAP) ئۈچۈن «مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «خەلقئارلىق ھاۋا ئۇرۇش پىروگراممىسى» ئۇرۇش ئايروپىلانى، يېڭى ئەۋلاد خان جەمەتى ھاۋا قىسىملىرىنىڭ (RAF) بىر قىسمى سۈپىتىدە Typhoon، F-35 ئايروپىلانلىرى ۋە مۇستەقىل سىستېمىلار بىلەن بىرگە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ» دېيىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئايروپىلان ئۈچۈن: «خان جەمەتى ھاۋا قىسىملىرى تەرىپىدىن ھەيدىلىدىغان ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇشى مەقسىتىدە مۇرەككەپ دىگىتال قۇرۇلما، سۈنئىي ئەقىل ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى تېخنىكىلار ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن ئورتاق مەبلەغ چىقىرىلغان بۇ توختام، ئەنگلىيەنىڭ BAE Systems، ئىتالىيەنىڭ Leonardo شىركىتى ۋە ياپونىيە ئايروپىلان سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىركىتىنىڭ (JAIEC) شېرىكچىلىكىدە 2025-يىلى قۇرۇلغان «Edgewing» دەپ ئاتىلىدىغان كونسورتسىيۇمغا (بىرلەشمىگە) تاپشۇرۇلدى. توختام ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى بەلگىلەش بىلەن برگە، مۇرەككەپ سىناق مۇساپىلىرىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق پىروگراممىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.



















