خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا چارشەنبە كۈنىمۇ شىددەتلىك يامغۇر داۋاملاشقان ۋە مەسئۇللار ساياھەت رايونلىرىنى تاقاشقا، ئاپتوبۇس قاتناشلىرىنى ۋە قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى توختىتىشقا ھەمدە يۇقىرى خەۋپلىك رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
شەھەردە، 300 دىن ئارتۇق ساياھەت رايونى ۋە ئورمانلىق ئارامگاھلار تاقالدى. 4100 دىن ئارتۇق يېزا قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى.
تەخمىنەن 250 ئاپتوبۇس لىنىيەسى قاتناشتىن توختىتىلدى. 10 مېترو لىنىيەسىدىكى پويىزلارنىڭ ئاستا سۈرئەتتە ئىشلىشىگە بۇيرۇق بېرىلدى. شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارلىق سەيلە كېمىلىرىمۇ مۇلازىمەتتىن توختىلغان.
مەسئۇللار تاغلىق يېزىلار، تۆۋەن رايونلار ۋە سەل بىلەن جۇغراپىيەلىك ئاپەت خەۋپى بار باشقا ئورۇنلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزىتىش مۇلازىمىتى بېرىلىۋاتقان مۇئەسسەسەلەردىن 5000 دىن ئارتۇق ياشانغان كىشىمۇ تارقاقلاشتۇرۇلدى.
بېيجىڭدا سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن چارشەنبە ئەتىگىنىگىچە ئوتتۇرىچە 23.5 مىللىمېتىر يامغۇر ياققانلىقى قەيت قىلىندى.
مەسئۇللارنىڭ سەللەرنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىشى ۋە قوشۇمچە سۇ ئامبار ئېغىزى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە ئامبارلاردىن ئالدىن سۇ ئاققۇزۇش بىلەن بىرگە، شەھەر مىقياسىدىكى 3357 قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ھەممىسىگە خىزمەتلەرنى توختىتىش بۇيرۇقى بېرىلدى.
دۆلەتلىك مېتېئوروپولوگىيە مەركىزى چارشەنبە كۈنى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ئەپلىسىن رەڭلىىك ئاگاھلاندۇرۇشنى يېڭىلىدى. پەيشەنبە ئەتىگەنگىچە دۆلەتنىڭ كەڭ بىر قىسمىدا قاتتىق يامغۇر يېغىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى ئېلان قىلدى.




















