خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

بابۇل مەندەپ ۋە ئەتراپىدا 20-ئىيۇلدىن بۇيان كەسكىنلىك ئاشتى. خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا چېتىشلىق پاراخوتلارغا قارىتا «دېڭىز قامىلى» ئېلان قىلغان ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ بابۇل مەندەپ بوغۇزىدا ھۇجۇم نىشانى قىلغان سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 گە، يارىلانغانلار سانى 11 گە ئۆرلىدى.

يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق دۆلەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەمەنگە تەۋە «تەھامە» ئاتلىق سودا پاراخوتىنىڭ خۇسىيلار تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنىشى نەتىجىسىدە خادىملاردىن 4 پاكىستانلىق ۋە 1 ھىندونېزىيەلىك بولۇپ 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خادىملارنى قۇتقۇزۇش ۋە پاراخوتنى تارتىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان دېڭىز كۈچلىرى ۋە قىرغاق ئامانلىق ئەترەتىنىڭمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ ھۇجۇمدا 2 دېڭىز ئارمىيە خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 11 گە كۆتۈرۈلدى.

يەمەن قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ «تەھامە» ئاتلىق سودا پاراخوتىغا بابۇل مەندەپ بوغۇزىدا كېتىۋاتقان ۋاقتىدا ئارقا-ئارقىدىن 3 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مىنىستىرلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ «تېررورلۇق جىنايىتى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

بابۇل مەندەپ ۋە ئەتراپىدا 20-ئىيۇلدىن بۇيان كەسكىنلىك ئاشتى. خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا چېتىشلىق پاراخوتلارغا قارىتا «دېڭىز قامىلى» ئېلان قىلغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ بابۇل مەندەپ بوغۇزىدا پاراخوت قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا، يەمەن، كۇۋەيت، ئومان، ئىيوردانىيە، سودان، ماراكەش، مالدېۋ، باڭلادېش ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان مۇداپىئە مەقسەتلىك دېڭىز ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى