خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە سۆھبەتلىشىشكە ئالاقىدار ئوتتۇرىغا ئېتىلغان دەۋالارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق

ئىران رەسمىي ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاراقچى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى JD ۋېنسنىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش مەقسىتىدە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى مۇھسىن رىزايىغا ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەكتۇپ توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئاراقچى ۋېنسنىڭ ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى دىققەت بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە مەسىلىنىڭ ئالاقىدار كېڭەشلەردە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن ھەر قانداق بىر سۆھبەتلىشىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ يۆنىلىشتە ئوتتۇرىغا ئېتىلغان دەۋالارنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلمىغانلىقىنى ۋە دۆلىتىنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئاراقچى، ۋاسىتىچى دۆلەتلەر بولغان قاتار ۋە پاكىستان بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا ئىراننىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن سۆھبەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بولۇشىغا قارار قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ دىيالوگ ئىشىكىنى ئېچىش تىرىشچانلىقى ئىجابىي بىر قەدەم سۈپىتىدە باھالىنىشى مۇمكىن

ئاراقچى ۋېنسنىڭ مەكتۇبى بىلەن بىرگە ئامېرىكانىڭ دىيالوگ ئىشىكىنى ئېچىش ۋە تېخىمۇ كەڭ بىر كېلىشىمگە كېلىش يۆنىلىشىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئىجابىي بىر قەدەم سۈپىتىدە باھالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاراقچى دۆلىتىنىڭ 7 شەرتى قوبۇل قىلغا تەقدىردە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ 7 كۈن ئىچىدە قايتىدىن ئېچىلىشىغا ئالاقىدار تەكلىپكە قارىتا: «قاتار تەرەپ تەكلىپىمىزنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنىڭ 5 كۈنگە قىسقارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ھازىرقى باسقۇچتا بولسا بۇ ۋاقىتنىڭ 2 كۈنگە چۈشۈرۈلۈشى يۆنىلىشىدىكى بىر تەكلىپ ئۈستىدە توختىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئاراقچى، بارلىق سېنارىيەلەرگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىش شەرتىنى ئىران ۋە ئومان تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يېڭى ئۆتۈش لىنىيەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ۋە باشقا ئالاقىدار لىنىيەلەرنىڭ تاقىلىشىغا باغلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاراقچى يەنە، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىغا قاراتقان كەچۈرۈمىنى قايتىدىن يولغا قويۇشىنى ۋە قاتاردىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان بارلىق مۈلۈكلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
لا لىگا ۋە مباپپې ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز