رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ ئەتە يولغا چىقىشى پىلانلانماقتا.
رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندر نوۋاك ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ ئەتە پورتتىن يۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالېكساندر نوۋاك ساينت پېتېرسبۇرگدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دىزېل توشۇشقا ئالاقىدار توختاملارنى ئىمزالاش مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۇنجى قېتىملىق توشۇش ئىشىنىڭ 40 مىڭ توننىلىق ماي توشۇش پاراخوتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نوۋاك: «تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ ئەتە، 22 - ئۆكتەبىردە پورتتىن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقىشى پىلانلانماقتا» دېدى.
توشۇش ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان نوۋاك: «ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ دىزېل ئېھتىياجىنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تەمىنلەيمىز» دېدى.
رۇسىيەنىڭ دىزېل ئېكسپورتىنى يىل ئاخىرىغىچە قايتىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەسىگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نوۋاك، ئېكسپورتنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا باغلىق ھالدا قەدەممۇقەدەم ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالېكساندر نوۋاك ئېكسپورت مەسىلىسىدە يىل ئاخىرىغىچە تولۇق ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردە، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بۇرۇنقى مىقداردا دىزېل توشۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


























