سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
كرېمىلنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوف رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك مۇزاكىرىنى 10-نويابىر ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن سانكت-پېتېربۇرگدا كۆرۈشتى.

سانكت پېتېربۇرگدىكى كونستانتىنوۋىسكىي سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختالغان ئۇشاكوف، ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن كۆرۈشۈشكە تور ئارقىلىق قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇشاكوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇتىننىڭ ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن توققۇزىنچى قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ، ئۈچ سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت «ئەتراپلىق ۋە ئوچۇق» ئۆتكەن. ۋىتكوف ئىلگىرى ئوسلودا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي، بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.

ئۇشاكوف ۋىتكوفنىڭ ئوسلودىكى مۇزاكىرىلەر ۋە بەزى يېڭى تەكلىپلەر ھەققىدە پۇتىنغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ: «لېكىن بۇ يېڭى تەكلىپلەردە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغۇدەك ئانچە كۆپ مەزمۇن يوق ئىدى» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن ۋىتكوفقا ئۈچ تەرەپلىك مۇزاكىرىنى 10-نويابىر ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىنى يەتكۈزگەن. مۇزاكىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۈچۈن بىخەتەرلىك تۈزۈمى قۇرۇش بولىدىكەن. ئۇشاكوف ۋىتكوفنىڭ بۇ قارارنى ترامپنىڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇشاكوف يەنە نويابىردا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا–تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)  باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇش ئېھتىمالىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ياۋروپا ئۇكرائىناغا سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران رىيادنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ترامپتىن زېلېنسكىيغا تەنقىد: پۇتىن بىلەن كېلىشىش تېخىمۇ ئاسان
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن