فرانسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى گېرالد دارمانىن ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرى جەريانىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن شىمالدىكى لىللې شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.
دارمانىن باياناتىدا، سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشلىرى دائىرىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى ئەدلىيەنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
فرانسىيەلىك مىنىستىر نامايىشلار دائىرىسىدە ئەتراپنى چېقىپ ۋەيران قىلغان ياكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان 149 گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكەتلىك مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەپتە ئاخىرى پايتەختتە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باشلانغان.
پارىژ خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يېقىن جايدا 17-ئۆكتەبىردە، 59 ياشلىق بىر كىشى ھوشسىز ھالەتتە تېپىلغان ئىدى.
دەسلەپكى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر كىشى، دەسلەپكى قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ۋەقەلەر جەريانىدا ئەھۋالى ئېغىرلاشقان 48 ياشلىق بىر كىشىنىڭ جەسىتىمۇ 19-ئۆكتەبىر سەھەردە پارىژدىكى بېرگېر كوچىسىدىن تېپىلغان ئىدى.
فرانسىيەدىكى نامايىشلار
ئوقۇغۇچىلارمۇ قوللىغان سېرىق جىلىتكىلىكلەر، تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ قىممەتلىكى ۋە يۇقىرى يېقىلغۇ باھاسىغا قارشى 17-ئۆكتەبىردە مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
نامايىشلاردا تەخمىنەن 2500 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق ساقچى، ژاندارما ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىم يارىلانغان ئىدى.
زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن نامايىشلاردا، تەخمىنەن 3000 كارخانا زىيانغا ئۇچرىغان ياكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئىدى.
لىموگېس شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ۋە لىيون شەھىرىدىكى ساياھەت ئىشخانىسىغا ئوت قويۇلغان، مارسېل شەھىرىدە نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا زىيان يەتكۈزگەن ئىدى.
نامايىشلاردا دۇكانلىرى زىيانغا ئۇچرىغانلار ھۆكۈمەتنىڭ كرىزىسنى باشقۇرالمايۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. يۈزلەرچە نامايىشچى 18-ئۆكتەبىردە پارىژدا قايتىدىن كوچىغا چىققان ئىدى.
يەرلىك دائىرىلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پارىژ، لىللې، لىيون، نىس ۋە مارسېل قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بەزى رايونلاردا قىسمەن كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى يۈرگۈزۈش قارارىنى ئالغان ئىدى.


























