پولشا باش مىنىستىرى دونالد تاسك، ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى بىر چېگرا ئېغىزى نىشان قىلىنغان «بىۋاسىتە تەھدىت» نىڭ تۈنۈگۈن ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تاسك سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋادا ۋېنگىرىيە، چېخىيە، سلوۋاكىيە ۋە ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ پولشا ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىق نەتىجىسىدە تۈنۈگۈن كېچە بىر چېگرا ئېغىزىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە تەھدىتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيەنىڭ مولدوۋادىكى چېگرا ئېغىزلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تاسك: «پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى نىشان قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى. ئۇ يەنە پولشانىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئىغۋاگەرچىلىككە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، كەلگۈسى ئايلاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ مۇدىرى جون راتكلىفتىن «ناھايىتى ئېنىق بىر دوكلات» ئالغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

















