ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ «Mi-Ukrayna» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىناسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇخبىرلار نەق مەيدان پىروگراممىسى بېرىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بىنانىڭ بىر قىسمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ مېدىيا ئورگانلىرىنى نىشانلىشىنى «رۇسىيەنىڭ يىرىمىلىشىدىكى يېڭى بىر سەھىپە» دەپ ئاتىدى.
زېلېنسكىي يەنە رۇسىيەنىڭ «كىيېۋ-سۇمى» لىنىيەسىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىغىمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، پويىزدىكى 90 يولۇچىنىڭ بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي دۇنيا ئەھلىنى رۇسىيەنىڭ بۇ خىل تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.












