بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بارھام سالىھ پايتەخت باماكودا مالى ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يىغىندا سۇنۇلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 31 – ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا، مالىدا 317 مىڭ 188 مۇساپىر ۋە پاناھلانغۇچى، شۇنداقلا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 414 مىڭ 524 كىشى بار ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، 90 مىڭ 412 مالىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتقان بولۇپ، 338 مىڭ 369 مالىلىق باشقا دۆلەتلەردە مۇساپىر سۈپىتىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مالى نۆۋەتتە ھەم قوشنا دۆلەتلەردىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىپ كەلگەنلەرگە ساھىبخانلىق قىلماقتا، ھەم يۈز مىڭلىغان پۇقراسى باشقا ئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان بىر دۆلەت سۈپىتىدە دىققەت تارتماقتا. بارھام سالىھ ياش مۇساپىرلار بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى تەنھەرىكەت ۋە مائارىپ ساھەسى ئارقىلىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مالىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان مۇساپىرلارنىڭ % 69.1 نى بۇرۇكىنا فاسو، % 21.5 نى نىگېر، % 8.1 نى ماۋرىتانىيەدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ موپتى، گاۋ ۋە مېناكا رايونلىرىغا ئورۇنلاشقان.



















