شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا دۆلىتىنىڭ رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.
شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىن ئۆزىگە يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىغا جاۋاب قايتۇرغان.
كىم جوڭئۇن جاۋابىدا شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئادالەت ۋە تىنچلىقنى بىرلىكتە قوغدايدىغانلىقىنى ھەمدە ناھايىتى مۇھىم بۇ ئىتتىپاقداشلىق تارىخىغا يېڭى بىر بەت قوشۇۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەنئەنىلىرى ھەققىدە توختالغان كىم، ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى ۋە خەلقئارا ئادالەتنى قوغداش يولىدىكى بۇ مۇقەددەس ئۇرۇشتا (ئۇكرائىناغا قارشى) رۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچىم بىلەن، سىز ئەزىز دوستۇم ۋە قېرىنداش رۇسىيە خەلقىگە ئۆزگەرمەس مەدىتىمنى بېرىمەن.»
پيوڭياڭ بىلەن موسكۋا مۇناسىۋىتىدە كىم جوڭئۇننىڭ 2023 – يىلى سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولغان ئىدى. ئارىدىن 9 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە رەھبىرى پۇتىن شىمالىي كورېيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى. پۇتىن بۇ كېلىشىم بويىچە، تەرەپلەرنىڭ بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەربىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاقداشلىق» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
















