ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەيخ رىزۋان مەھەللىسىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر كىشىگە ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنغان پەلەستىنلىك بالىنى نىشان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر مەھەللىگە قىلغان تۇنجى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر سەھىيە قۇتقۇزۇش خادىمى يارىلانغان ئىدى. 12 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا مۇھەممەد ئەززەناتى تۇنجى ھۇجۇمدا يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ياردىمىگە كەلگەن پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككىنچى قېتىم بومباردىمان قىلدى.
ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا 12 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا مۇھەممەد ئەززەناتى ۋە سەھىيە خادىمى شەرىف شادى لابات ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن پەلەستىنلىك يارىلاندى.
مۇھەممەد ئەززەناتىنىڭ يارىلانغان خادىمغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ۋاقتىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە تارقىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تۇنجى ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن پەلەستىنلىكلەرنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم.



























