سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېغىر ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش، چەت ئەل سېلىنمىلىرىنى جەلپ قىلىش ۋە رايوندا تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئويناش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەھمەد شارا، سۈرىيەنىڭ بەزى چەكلىمىلىرى 1979-يىلىغىچە سوزۇلغان، دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئېمبارگو تۈزۈملىرىنىڭ بىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
سۈرىيە رەھبىرى ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارىدا ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ھەققىدە توختالغان شارا، سۈرىيە ئىقتىسادىنىڭ 2010-يىلى تەخمىنەن 60 مىليارد دوللار سەۋىيەسىدە ئىكەنلىكىنى، 2024-يىلىغا كەلگەندە تەخمىنەن 20 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بىراق شۇ كۈندىن باشلاپ قايتا ئۆرلەپ 32 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ يىل 50 مىليارد دوللارغا يېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇقىم بولغان تەقدىردە، ھۆكۈمەت پىلانلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىقتىسادنى تەخمىنەن 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. پىرېزىدېنت سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە كۇۋەيتتىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشكە باشلىغانلىقىنى، تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ۋە بەزى لايىھەلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەھمەد شارا سۈرىيەنىڭ ھەرقانداق بىر چەت ئەللىك كۈچكە ئەگىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، دەمشق ھاكىمىيىتىنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مۇستەقىل يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


















