خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
ئىراندا، ۋاپات بولغان رەھبەرنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىغا مىليونلارچە كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دۆلەتلىك ماتەم كۈنلىرى داۋاملاشماقتا، تېھراندا غايەت زور ساندىكى ئامما بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى / AFP

يەكشەنبە كۈنى تېھراندا ئىراننىڭ ۋاپات بولغان ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ تابۇتى ئالدىدا دەپنە نامىزى ئوقۇلدى. بۇ پايتەختتە كەڭ كۆلەملىك قاتنىشىش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى كۈنلۈك مۇراسىمنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.

ھامانې 1989-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 28-فېۋرالدا، 86 يېشىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇراسىم، تېھراننىڭ بۈيۈك مۇسەللا مەجمۇئەسىدە، قۇمدىكى مەدىرىسىلەردە دەرس بېرىدىغان 97 ياشلىق داڭلىق شىئە دىنىي ئالىمى جافەر سۇبخانى تەرىپىدىن يېتەكلەندى.

ھامانېنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا رەھبەر كۆرسىتىلگەن ۋارىسى مۇجتەبا ھامانېنىڭ 28-فېۋرالدىكى ھۇجۇمدا يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگە بولۇپ، ئۇ ئالىي رەھبەر دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئالدىغا چىقمىدى ۋە جىنازا نامازلىرىدىمۇ كۆرۈنمىدى.

ۋاپات بولغان رەھبەرنىڭ باشقا ئۈچ ئوغلى، مەسئۇد، مۇستافا ۋە مەيسام مۇراسىمغا قاتناشتى.

يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن ئىران مىقياسىدا رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى. كۈننىڭ كېيىنكى سائەتلىرىدە ھامانېنىڭ جەسىتى، دۈشەنبە كۈنى پايتەختتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ماتەم يۈرۈشلىرىگە تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە قويۇلغان بۈيۈك مۇسەللا مەجمۇئەسىدىن ئېلىنىدۇ.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە جۇمھۇر رەئىس مەسئۇد پېزەشكىيان، پارلامېنت باشلىقى ۋە ئىراننىڭ باش سۆھبەتچىسى مۇھەممەد باقىر گالىباف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرگە مۇراسىمغا قاتناشقانلىقى كۆرۈلدى.

بەش ھەپتىلىك قەتتىق توقۇنۇشتىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن دەسلەپكى كېلىشىمدىن كېيىن يېقىن شەرقتىكى تۇقۇنۇش ھازىرچە توختاىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئەمما ھەم ۋاشىنگتون ھەم تېھران، ئۇرۇشنىڭ ھەر قانداق بىر دەقىقىدە قايتىدىن باشلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ماتەم يۈرۈشىدىن كېيىن، ھامانېنىڭ جىنازىسى سەيشەنبە كۈنى قۇم شەھىرىگە، چارشەنبە كۈنى قوشنا ئىراققا يۆتكىلىدۇ ۋە پەيشەنبە كۈنى شەرقىي شىمالدىكى تۇغۇلغان يۇرتى مەشھەد شەھىرىدە دەپنە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pezeshkian criticises global silence over Israeli actions as Khamenei funeral ceremonies begin
ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى