بارسېلونانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
بارسېلونانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتىبارسېلونانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى لامىن يامال چېمپىيونلۇقنى تەبرىكلەش پائالىيىتى داۋامىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتتى.
بارسېلونا چولپىنى يامال غەلىبە تەبرىكلەش ئاپتوبۇس سەپىرى جەريانىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالقىشقا ئېرىشتى. / AP

ئىسپانىيەلىك ياش چولپان لامىن يامال بارسېلونانىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، ئوچۇق ئاپتوموبىل ئۈستىدىن پەلەستىن بىلەن ھەمدەم ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ئىسپانىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان لامىن يامال، بارسېلونانىڭ لا لىگا چېمپىيونلۇقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

دۈشەنبە كۈنى توردا كۆپ قېتىم ھەمبەھرىلەنگەن بىرنەچچە ۋىدېيودا، 18 ياشلىق ماھىرنىڭ ئۈستى ئوچۇق بىر ئاپتوبۇستا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكى ۋە قىزغىن ئالقىشلاۋاتقان ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇقنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، ئون مىڭلىغان كىشى پۇتبولچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كوچىلاردا بىر يەرگە جەم بولدى.

بارچا كوماندىسى ئەزەلدىن رەقىبى بولۇپ كەلگەن رېئال مادرىد كوماندىسىنى يەكشەنبە كۈنى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، لا لىگادا 29-قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىككىنچى قېتىملىق «ئەل كلاسىكو» مۇسابىقىسىدىن كېيىن بېكىتىلگەن بولدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەدە باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، بارسېلونا ئىسپانىيەدىكى پەلەستىن تەرەپدارى پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

بۇ شەھەر يەنە كەڭ كۆلەملىك، قەرەللىك پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشلىرىغا ساھىبخانلىق قىلدى ۋە رايونغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قامالنى بۇزۇپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان ياردەم فىلوتلىرىنىڭ يولغا چىقىش نۇقتىسى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ