تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
تۈركىيە رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلاش مۇساپىسىنى تاماملىغان ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى دۆلەت بولدى.
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە / AA

تۈركىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلاش مۇساپىسىنى تاماملاپ، رەقەملىك سودا ۋە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ئۈچۈن يېڭى بىر رامكا يارىتىشقا تۆھپە قوشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى تەستىقلاشقا ئائىت قانۇننىڭ سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ «رەسمىي گېزىت» ىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قەدەم بىلەن تۈركىيە كېلىشىمنى تەستىقلاش مۇساپىسىنى تاماملىغان ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى دۆلەت بولدى.

كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭمۇ تەستىقلاش مۇساپىسىنى تاماملىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مىنىستىرلىق، كېلىشىمنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكترونلۇق سودا، رەقەملىك مۇلازىمەتلەر ۋە چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقاپ تاشلىنىشىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ بىر گەۋدىلەشكەن ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان رەقەملىك ئىقتىساد رامكىسى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كېلىشىمنىڭ سودا ۋە تېخنولوگىيە بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈچەيتىشى، كارخانىلارنىڭ رەقەملىك بازارلارغا كىرىشىنى قوللىشى، يېڭىلىق يارىتىش تېخنولوگىيەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە رايونلۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  كېلىشىمنىڭ چىقىم قىلىش ۋە پۇل يۆتكەشتىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقاپ تاشلىنىشى، قەغەزسىز سودا، ئېلېكترونلۇق سودا سىستېمىلىرى، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكترونلۇق تالون، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەتلىرى، ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلىش سىستېمىلىرى، دۆلەتلىك تەمىنلىگۈچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئېلېكترونلۇق ئىمزا، سودا خاراكتېرلىك ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلار، توردا ئىستېمالچىلارنى قوغداش ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق تېمىلارنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېلىشىمنىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، مالىيە ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرى، تور بىخەتەرلىكى ۋە رىقابەت سىياسىتى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2024-يىلى 6-نويابىردا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ، تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە دۇنياۋى رەقەملىك سودا قائىدىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى نىشان قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى