فىرانسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇشى دۆلەتنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك رايونىدا كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپنى تاقاش قارارى قىلىنغان. دۈشەنبە كۈنى بوردو شەھىرىدە تېمپېراتۇرا 42 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن.
ئىسسىقلىق دولقۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقەدە، ئىككى ياشلىق ۋە تۆت ياشلىق ئىككى بالا ئائىلە ئاپتوموبىلىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، شىۋىيېتسارىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ دائىرىلىرىمۇ قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن شىمالغا سۈرۈلگەن ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا قاپسىلىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان.
ئالىملار قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقان ئىسسىقلىق دولقۇنىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. فىرانسىيەدە 1947-يىلىدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن 51 قېتىملىق ئىسسىقلىق دولقۇنىنىڭ 34 قېتىمى 2000-يىلىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن باشلاپلا 26 قېتىم يۈز بەرگەن.
ئىسپانىيە دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يېقىندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ «ئىنتايىن يۇقىرى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ قېتىم تېمپېراتورا پەسىللىك ئۆلچەمدىن 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولۇپ، بەزى رايونلاردا 44 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن. گەرچە باسك رايونىغا قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سان سېباستىياننىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەيدىكەن، بۇ مەزكۇر پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرىدۇر.
ئىتالىيەدە، نەچچە كۈن تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندىن كېيىن، مىلان، تۇرىن، ۋېنىتسىيە، بولونيا، فلورېنسىيە ۋە رىم قاتارلىق 12 شەھەردە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى.
ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيەدە تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىگەن بولۇپ، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە سەۋەبلىك 5 ئادەم قازا قىلغان.
ئەنگلىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئەنگلىيە ۋە ۋېلىشنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ 38 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
گرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاكرافنىئو ئەتراپىدا ئىسسىق، قۇرغاق ھاۋا ۋە قاتتىق بوران سەۋەبىدىن ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋاقتىنچە تاقالدى.
بېلگىيەدە IRM مېتېئورولوگىيە تەتقىقات ئورنى كەلگۈسى بىر ھەپتىدە تېمپېراتۇرىنىڭ رېكورت يارىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. تۆمۈر يول شىركىتى ئىسسىق سەۋەبىدىن دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى بېلەت تەلىپى يۇقىرى مەزگىلدىكى پويىز قاتنىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
چارشەنبە كۈنى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن، شۇنداقلا پارىژدا تېمپېراتۇرا 41 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن.














