تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك مۇلازىمەت ۋە چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك مۇلازىمەت ۋە چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق كېلىشىمىنى تەستىقلاش قانۇنى» نىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى (رەسمىي گېزىت)تە ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باياناتتا تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىچكى تەستىقلاش جەريانىنى تاماملىغان ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاندىن قالسىلا ئۈچىنچى دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستانمۇ ئىچكى قىسمىدا تەستىقلىغاندىن كېيىن، كېلىشىم رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

باياناتتا، كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلىپ: «بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك مۇلازىمەت ۋە چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ توسالغۇلىرى تۈگىتىلىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرگە قولايلىق يارىتىلىدۇ ۋە ئورتاق قائىدىلەر ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادتا بىر گەۋدىلەشكەن، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھەمكارلىق ئاساسى بارلىققا كېلىدۇ» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ سودا ۋە تېخنىكىدا بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، كارخانىلارنىڭ رەقەملىك بازارلارغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى