خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جەميوڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 81-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنى تىنچ بىللە ياشاشقا چاقىرىپ، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
لى ياشلارنىڭ قاتنىشىش ۋە ئارىلىشىش پۇرسەتلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق قارار چىقىرىشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىنى دەۋەت قىلدى. / AFP

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جەميوڭ نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 81-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقى قىلىپ، سۆھبەتنى قايتا باشلاش شۇنداقلا تىنچ بىللە ياشاش تەكلىپىنى سۇندى.

ئۇ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچ بىللە ياشاشقا ئائىت ئۈچ خىل «لايىھە»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار: پەرققە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش؛ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كىرىزىسنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق مۇقىم بىللە ياشاش؛ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شەكىلدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىللە ياشاشتىن ئىبارەت.

لى جەميوڭ سېئۇلنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە شىمالىي كورېيەگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاممىۋى سەھىيە، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە كىلىمات كىرىزىسى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان توختاپ قالغان سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي قايتا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لى جەميوڭ: «بىز بۇنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەرەپلەر ئارا سۆھبەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئاساس يارىتىمىز» دېدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ جەريان شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى توختىتىش بىلەن باشلىنىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش ھەرىكىتى ۋە ئاخىرىدا يادرو قوراللىرىدىن خالىي بىر كورېيە يېرىم ئارىلى قۇرۇپ چىقىش بىلەن داۋاملىشىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لى جەميوڭ ياشلارنىڭ خەلقئارالىق تەدبىر بەلگىلەش جەريانىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ ب د ت نىڭ ھەقىقىي قىممىتىنىڭ دوكلات ياكى باياناتلاردا ئەمەس، بەلكى قورال ئاۋازىنىڭ ئورنىنى بالىلارنىڭ كۈلكە ساداسىنىڭ ئېلىشىدا، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ۋە يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يەرشارى ئېنېرگىيە تەمىنات زەنجىرى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان لى جەميوڭ، ھورمۇز بوغۇزى ۋە قىزىل دېڭىزدىكى قورشاۋلارنى تىلغا ئېلىپ، ئاچقۇچلۇق ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەلىرىنىڭ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەر ئۆتۈشنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان تەھدىتلەرنى «ھېچقانداق ئەھۋالدا ئاقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بۇ خىل توسالغۇلارنىڭ يەرشارى ئىقتىسادى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەھدىت ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېئۇلنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) قاتارلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئېنېرگىيە تەمىنات زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، يەرشارىۋى ئاممىۋى بايلىقلارنى تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنى ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى.

لى جەميوڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، دېموكراتىك ۋە جاۋابكارلىق سىستېمىسىغا ئىگە شەكىلدە يۈرۈشۈشى» ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر يېزىنىڭ يولىنى تاقاپ، 47 ئائىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى