تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلەرلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، فىدان 2 كۈن داۋاملىشىدىغان لىۋان زىيارىتى دائىرىسىدە ترابلۇس ۋە بىنغازىدا سۆھبەتلەردە بولىدۇ.
فىداننىڭ زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتلىرىدە، تۈركىيە-لىۋان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، تارىخىي قېرىنداشلىق رىشتىلەر ئاساسىدا سىياسىي، سودا، ئېنېرگىيە، ھەربىي ۋە مۇداپىئە ئۆلچەملىرى قاتارلىق ھەر ساھەدە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئېڭى بىلەن كۈچەيتىلىشىگە قارىتىلغان كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى تەپسىلىي مۇزاكىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
فىداننىڭ يەنە، لىۋاندىكى سىياسىي مۇساپەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە يۈز بەرگەن نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى پىلانلانغان بولۇپ، لىۋاننىڭ مۇقىملىقىغا بېرىلگەن ئېتىبارنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي مۇساپىسىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.
فىداننىڭ لىۋاندا دائىمىي تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە ئامانلىقنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىق لىۋاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋە يېتەكچىلىكىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە تۈركىيەنىڭ قوشالايدىغان تۆھپىلىرىگە دائىر مەسلىھەتلىشىشى كۈتۈلمەكتە.
تۈركىيەنىڭ «بىر لىۋان» سىياسىتى رامكىسىدا لىۋاندىكى غەرب، شەرق ۋە جەنۇب ئوتتۇرىسىدا ئايرىمچىلىق قىلمايدىغان ئۇسۇلىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە، لىۋانلىق مەسئۇللار بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىئالوگنىڭ كۈچەيتىلىشىگە قارىتىلغان ئىرادىنى تەكىتلىشى پىلانلانغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئورتاق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئېڭى بويىچە قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.



















