سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
رۇمىنىيەنىڭ بىر رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا قارىتا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى.
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى

رۇسىيە رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇمىنىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، شۇ سەۋەبتىن رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى لىلىيانا بۇردانىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقى قەيت قىلىننىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇنىڭغا رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى بىر خادىمنىڭ <قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى> ئېلان قىلىنغانلىقىغا دائىر تاپشۇرۇلدى.»

رۇمىنىيە ئۆز زېمىنىغا يېقىنقى كۈنلەردە ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بىر رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغان ۋە ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى دوختۇرخانا ئوت ئاپىتىدە 15 بوۋاق قازا قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىف تۇيۇقسىزلا موسكۋاغا باردى
نېفىت بايلىقى مول لىۋىيەدە يېقىلغۇ كىرىزىسى پارتلىدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن  بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 40 كىشى يارىلاندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ