فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئود ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئۆي - ماكانلار ۋەيران بولدى. ئود ۋالىي مەھكىمىسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بوران - چاپقۇننىڭ ۋىلايەتكە قاراشلىق پوماس يېزىسىغا ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى، تەخمىنەن 300 ئۆيدە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 40 كىشى يارىلاندى، يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر. بوران - چاپقۇننىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 2 مىڭغا يېقىن تۇرالغۇدا توك ئۈزۈلۈپ قالدى، بەزى تاشيوللار قاتناشقا تاقالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كورسىكا ئارىلىدا چاقماق چۈشۈش نەتىجىسىدە ئاجاككىئو شەھىرى ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 200 كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
فىرانسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا قارا يامغۇر ۋە قاتتىق بوران چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاھالىلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.


















