سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ شى بىلەن ئۇچراشقاندا: «سىز بىلەن دوست بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەنسەپدىشى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا: «خىتاينىڭ ۋە سىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىڭىزگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىمەن. سىز ئاجايىپ بىر رەھبەر» دېدى.
ترامپ شى بىلەن ئۇچراشقاندا: «سىز بىلەن دوست بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن جۇڭگو رەھبىرى شى جىنپىڭ ئىران ۋە سودا قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. / Reuters

ترامپ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ «تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ياخشى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ترامپ خىتاي رەھبىرى بىلەن بولغان شەخسىي يېقىنچىلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ماختىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئاساسلىقى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ترامپقا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت ۋە شۇنداقلا تېسلا (Tesla)، نىۋىدىيا (Nvidia) ۋە ئالما (Apple) قاتارلىق ئامېرىكا داڭلىق شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرايىيە ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمراھ بولدى.

رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى؛ بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

نۆۋەتتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى. ۋاشىنگتون بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئىراننىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى — ئۇنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە، يەنى 2017-يىلى ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىدىن بۇيان، بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئۇكرائىنا: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى
خانتا ۋىرۇسى كۆرۈلگەن يولۇچىلار پاراخوتىدىكى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىدىكى بېكىنمە ھالەت: ئىككى تەرەپ تەڭ «ياق» دېدى
ئامېرىكا بىلەن ئىران تىنچلىق تەكلىپىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
پاكىستاندا بومبا ھۇجۇمى ۋە توقۇنۇشلاردا 12 ساقچى ئۆلدى
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى