ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەختتە خەۋپسىزلىك ۋە قاتناش تەدبىرلىرىگە ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن. ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەردىكى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدىكەن.
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشقا يەنە 9 دۆلەت رەھبىرى مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىستىخبارات، تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك، رادىياتسىيەلىك ۋە يادرو (KBRN) مۇداپىئەسى، قاتناش، ئالاھىدە ھەرىكەت ھەمدە ژاندارما كوماندىرلار قوشۇنى بىرلىكلىرى ھەمكارلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىكەن.
باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئايرودۇرۇملار، تۇرالغۇ جايلار، رەھبەرلەر ئۆتىدىغان يۆنىلىشلەر ۋە يىغىن مەركەزلىرى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىكەن. ئايرودۇرۇم يوللىرىدا ژاندارما كوماندىرل جەڭچىلىرى چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن ۋە ئەنقەرەگە كىرىش نۇقتىلىرىدىكى خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن.
بۇ جەرياندا، ئەتىمەسگۇت ئايرودۇرۇمىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئايروپىلانىدىن باشقا يەنە، بەزى رەھبەرلەرگە تەۋە ئالاھىدە ئايروپىلانلارمۇ قونىدىكەن. يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەرنىڭ رەپىقىلىرى ئۈچۈنمۇ ئەنقەرەنىڭ تارىخىي ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە ئېكسكۇرسىيە پىلانى تۈزۈلىدىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستاپا چىفتچى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«دۆلىتىمىز ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنى بىخەتەر ۋە موۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە، بارلىق تەييارلىقلارنى ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، مېھمان ھەيئەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش ۋە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە ئۆزى ئىگە بولغان تەجرىبە، كۈچلۈك خەۋپسىزلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاپپارات سىغىمى بىلەن ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.»




















