سۈرىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SANA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە يېزىلىرىدىكى بىر رايوننى بومباردىمان قىلغان.
ھۇجۇمدا رايوننىڭ غەربىي چېتىدىكى يارمۇك ۋادىسىغا جايلاشقان مائارىيا بىلەن ئابدېن كەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر ۋە ئورمانلىقلار نىشان قىلىنغان.
مەزكۇر ھۇجۇمدىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ياكى ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى يېقىنقى ئايلاردا ئەۋج ئېلىپ كەتتى؛ بۇ رايوندىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم، ئۆي تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇش شۇنداقلا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالار ۋە پادىچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئائىت خەۋەرلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ تۇرماقتا.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2024-يىلى دېكابىردا يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە 1974-يىللىق «ھەربىي كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى» نىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە چېگرا بويىدىكى بۇففېر رايونىنى بېسىۋېلىشقا باشلىدى.
سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى ئىسرائىلىيەگە قارىتا ھېچقانداق تەھدىت سالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسەد تەختتىن چۈشكەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى ھەمدە ھەربىي ئەسلىھەلەر، تېخنىكىلىق جابدۇقلار ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى نىشان قىلدى.











