مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران: تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە.
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز / AA

بۇرھانەتتىن دۇران ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ ئانادولۇنىڭ ئاشپەزلىك مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتنى تۈركىيەنىڭ مول تائام ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىم بىر يولى دەپ كۆرسەتتى.

دۇران تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە پەيشەنبە كۈنى ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇ يىل بەشىنچى قېتىم «بىر داستىخاندىكى مىراس» تېمىسىدا ۋە بىرىنچى خانىم ئەمىنە ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ، ئانادولۇنىڭ ئەنئەنىۋى لەززەتلىرىنى تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن بىرلىكتە تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇران: «بىر مىللەتنىڭ ئەسلىمىسى گاھىدا بىر خەلق ناخشىسىدا، گاھىدا ئاشۇ بىر داستىخان ئەتراپىدا جەم بولغان چىن دىللاردىلا ياشايدۇ» دېدى.

دۇران تۈرك تائاملىرىنىڭ قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان پەقەت تاماقلا ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىشىش، بەرىكەت، مېھماندوستلۇق ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە: «بۇ ئەھمىيەتلىك تەسەۋۋۇرغا يېتەكچىلىك قىلغان ھۆرمەتلىك خانىم ئەپەندى باشلىق، بۇ قىممەتلىك مىراسنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بارلىق ئاشپەزلىرىمىزگە، ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىمىزغا، ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە مەدەنىيىتىمىزنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈۋاتقان پۈتكۈل كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش