ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە تۈرك تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA) ۋەكىللىرىدىن سىرت، سۈرىيە ساياھەت مىنىستىرى مازېن سالھانى، ۋەقپەلەر مىنىستىرى مۇھەممەد ئەبۇ ھەير شۈكرى، مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇھەممەد سالىھ، مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد يۇسر بەردىيە ۋە دەمەشىق ۋالىيسى مۇھەممەد مەرۋان ئىدلىبى قاتناشتى.
مۇراسىم دائىرىسىدە 14 يىللىق ئارىلىقتىن كېيىن تارىخىي قۇرۇلۇشنىڭ جامەسىدە تۇنجى قېتىم ئەزان ئوقۇلدى. ئاندىن مۇراسىمغا قاتناشقان مىنىستىرلار، جامەدە ئوقۇلغان تۇنجى شام نامىزىغا قاتناشتى.
سۈرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇھەممەد سالىھ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئەمەۋىي جامەسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان سۇلەيمانىيە تەككىسىگە ئالاقىدار: «بۇ يەر، ئۇلۇغ ھۆكۈمدار سۇلتان سۇلەيمان ۋە ئۇلۇغ بىناكار سىنان پاشا تەرىپىدىن سېلىنغان سۇلەيمانىيە تەككىسىدۇر» دېدى.
دەمەشىقنىڭ تارىخ بويىچە ئىلىم-پەن، ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن سالىھ، شەھەرنىڭ قايتىدىن ئۆتمۈشتىكىدەك ياخشىلىقنىڭ، بەرىكەتنىڭ، بىلىمنىڭ ۋە سېخىيلىقنىڭ مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
سالىھ بۈگۈن پەقەت بىر جامەنىڭلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مەدەنىيەت ئەسىرىنىڭ، ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم بولغان بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئېچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تارىخىي قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنىشىدا ۋە قوغدىلىشىدا ئەجىر قىلغانلارنى رەھمەت بىلەن ياد ئەتكەن سالىھ، كۈندىن-كۈنگە قايتىدىن ئەسلىگە كېلىۋاتقان سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە ۋەقپەلەر مىنىستىرى مۇھەممەد ئەبۇ خەير شۈكرى دەمەشىقتە رېمونت قىلىنىپ قايتىدىن ئېچىلغان تارىخىي سۇلەيمانىيە تەككىسىنىڭ پەقەتلا سۈرىيەلىكلەرگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەگە رەھمەت
قۇرۇلۇشنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر شۈكرى: «تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە سۈرىيە باش كاتىباتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.
تەككىنى سالدۇرغان سۇلتان سۇلەيماننى رەھمەت بىلەن ياد ئەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان شۈكرى: «بۇ تەككىنى سالدۇرغان سۇلتان سۇلەيمانغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.





















