خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھەپتە ئاخىرىنى فىلورىدادا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاقسارايغا قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
US President Donald Trump speaks during an interview with CBS News' "60 Minutes", aired on November 8, 2026. (CBS News/60 Minutes)

ئىران بىلەن بولغان تىركىشىشتە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۇ بىز قىلغان ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇلار يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ قالغان بولسا، پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلغان بولاتتى. نېمىشقا دەمسىلەر؟ چۈنكى ئۇلار ساراڭ.»

ترامپ ئىران مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ يەردىكى ئاساسلىق سوئال شۇكى: بىز بۇ ئىشقا ھازىرلا خاتىمە بېرەمدۇق ياكى كېيىنمۇ؟ بىز كۈتسەكمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى قوشنىلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇ پېتى قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «بىرمۇ ئەسكەر يوقاتمىغانلىقى»نى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى مىسالغا ئالدى ۋە ئۇ يەردە مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسلەتتى.

ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن بېرىپلا ئۇلارنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئاسانلا پارتلىتىۋېتەلەيمەن. ئەمما مەسىلە شۇكى، ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر كۆۋرۈكلەر بىلەن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى پارتلىتىۋەتسەم، ئۇلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك چوڭ كۆۋرۈكلىرى بار» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى