تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىسىر فىدان ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى «نىيۇيورك تايمىس» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مىنىستىر فىدان تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاق ئىچىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەردوغان بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناتو ئىچىدىكى جىددىيلىكنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا دىققەت تارتقان فىدان، بۇنىڭ ترامپ ئۈچۈن بىر ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر فىدان تۈركىيە بىلەن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىر ئورتاق تونۇش بارلىقىنى تەكىتلەپ: «ھېچكىم ناتونىڭ زۆرۈرلۈكىنى تالاش-تارتىش قىلمايدۇ» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ناتو ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ بىر-بىرىنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
فىدان: «بىزمۇ ياۋروپانىڭ بىر قىسمى، ياۋروپا جۇغراپىيەسىدە بىر يەرگە كېلىپ ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىك سۇپىسىنى قۇرمىغۇچە، ئۆزىمىزنى ھەرگىز تولۇق بىخەتەر ھېس قىلالمايمىز» دېدى.
مىنىستىر فىدان يەنە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا رامكا كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىپ: «سىياسىي ئىرادە جەھەتتىن ھەر ئىككى تەرەپ نېگىزلىك نىشانلار بويىچە ئىنتايىن ئەستايىدىل» دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان يېڭى سۆھبەتلەرگە ۋاسىتىچىلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئەمما بۇنىڭ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ بۇ مۇساپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
















