ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ يەكشەنبە كۈنى: «ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ھېچقانداق ئۆتۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان شەكىلدە تولۇق ئېچىلىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە فىلوتى قورشاۋىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىغا تولۇق ھوقۇق بېرىمەن» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا، شۇنداقلا ئامېرىكا فىلوتىنىڭ قورشاۋىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئەمدى تامام بولدى. ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن! مەن بۇ يەردىن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ھېچقانداق ئۆتۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان شەكىلدە تولۇق ئېچىلىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فىلوتى قورشاۋىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىغا تولۇق ھوقۇق بېرىمەن.»
ترامپ بۇ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدا دېڭىز قاتنىشى ۋە ئېنېرگىيە توشۇش ئىشلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق يازدى:
«دۇنيادىكى بارلىق پاراخوتلار موتورلىرىڭلارنى ئوت ئالدۇرۇڭلار. نېفىت ئاقسۇن!»
دونالد ترامپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ياكى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا قوشۇمچە مەلۇمات بەرمىدى.
«دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك» ئۇرۇش توختىتىش
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفمۇ قويۇق سۆھبەتلەردىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شاھباز شېرىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «جىددىي سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز» دېدى.
شاھباز شېرىف سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرونتلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.
شاھباز شېرىفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېلىشىمگە رەسمىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 19-ئىيۇن كۈنى شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.














