سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان نوئېل باررو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە ياۋروپا ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ
Kryediplomati francez: Politikat e qeverisë izraelite po e rrezikojnë sigurinë e vendit/ AA

ئامېرىكانىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 10- ۋە 11-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر سۆھبەت توغرىسىدا توختالغان باررو، RTL رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپانىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى. ئۇ ياۋروپا ۋەكىللىرىنىڭ ئەبۇ زەبىدىكى سۆھبەتتە چوقۇم ھازىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ سۆھبەتتە فىرانسىيەگە كىمنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئېنىق ئېيتالمايمەن، ئەمما فىرانسىيە چوقۇم ئۇ يەردە بولىدۇ» دېدى.

باررو يەنە مۇنداق دېدى: «ياۋروپالىقلار يېقىنقى ھەپتىلەردە ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قىتئەنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھېچقانداق سۆھبەتتە بىزنىڭ كۈتۈش ۋە تەلەپلىرىمىزگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئامېرىكالىق مۇرەسسەچىلەرگە ئېنىق يەتكۈزدى».

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە 10- ۋە 11-نويابىر كۈنلىرى ئەبۇ زەبىدە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا خىزمەت گۇرۇپپىلىرى سەۋىيەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى شۇنداقلا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېيىنكى قەدەمدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى