ئەردوغان: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا سىستېما قانۇنىيەتلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا سىستېما قانۇنىيەتلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتەجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خەلقئارا سىستېمىنىڭ بارلىق ساھەلەردە ئىشەنچلىكلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئادالەتكە قايتىدىن دىققەت قىلىش چاقىرىقىدا بولدى.
ئەردوغان: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا سىستېما قانۇنىيەتلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غالىب كەلگەنلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا سىستېمىنىڭ ھەر ساھەدە ناھايىتى چوڭ قانۇنىيەتلىك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە باشلىقلار يىغىنى»  غا يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غالىبلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا سىستېما ھەر ساھەدە ناھايىتى چوڭ قانۇنىيەتلىك كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. سىستېمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئورگان، قائىدە ۋە قىممەت قاراشلار توپلىمى كۈندىن-كۈنگە ئۆز رولىنى يوقاتماقتا.

كۈچ رىقابىتىنىڭ ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە ۋە سودا قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە يېيىلغان؛ مەسىلىلەرنى دىيالوگنىڭ ئورنىغا قورال بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان؛ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلارنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان قىيىن بىر مەزگىلنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

غەززەدىكىگە ئوخشاش روھىي دۇنيامىزنى ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزىغا غەرق قىلىۋەتكەن ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى؛ رايونىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر تېخىمۇ مۇھىمدۇر.»

ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاش مەقسىتىدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان يېڭى ۋە ساختا باياناتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن باشقا، ئاكادېمىكلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغىچە بولغان خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكار بولۇشقا ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى، ئادالەتنى ھەم تىنچلىقنى ياقىلايدىغان پىرىنسىپلىق پوزىتسىيەمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى؛ پەقەت رايونىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچنىڭ قايتىدىن تۇرغۇزۇلۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك