خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
ئىشخانا خادىملىرىدىن سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلار بىلەن سالامەتلىكى خەتەرلىك گۇرۇپپىدا ئورۇن ئالغانلارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشى قارار قىلىندى.
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى

گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا سائەت 13:00 تىن 17:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا خىزمەت قىلىش چەكلەندى.

گىرېتسىيە خىزمەت ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۈگۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئۆرلەش ھېس قىلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇ سەۋەبتىن خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىغان ئوتتۇرا گىرېتسىيە، تەسالىيە، مورا يېرىم ئارىلى ۋە پايتەخت ئافىنا قاتارلىق رايونلاردا سائەت 13:00 تىن 17:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق زاۋۇتى، كۇرىئېرلىق مۇلازىمىتىگە ئوخشاش ئوچۇق ھاۋادا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر چەكلەندى.

ئىشخانا خادىملىرىدىن سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلار بىلەن ياشانغانلار ۋە ھامىلىدارلارغا ئوخشاش خەتەرلىك گۇرۇپپىدا ئورۇن ئالغانلارنىڭ بولسا ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشى قارار قىلىندى.

گىرېتسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 19-ئىيۇلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئاتتىكى، ۋىئوتىيا، فىتىئوتىدا، ئارگولىدا، تەسالىيە ۋە كورىنت رايونلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 40 گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن. تەسالىيەدە بولسا تېمپېراتۇرىنىڭ 43 گرادۇسقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، گېرىت ئارىلى، مورا يېرىم ئارىلى، جەنۇبىي ئەگە ئاراللىرى ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ نۇرغۇن رايوندا ئىسسىق ھاۋا بىلەن بىرگە چاڭ-توزاننىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
خەلىل ئەل ھەييە ھاماسنىڭ يېڭى سىياسىي بىيۇرو رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۆزتۈركلەر: بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى