ئافىنانىڭ مەركىزىدىكى پلاكا رايونىدا بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاش نەتىجىسىدە بىر ئايال قازا قىلدى. ۋەقەدە بەش كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىر گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ئىككى قەۋەتلىك بىنانى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئۆيلەر، دۇكانلار ۋە ئاپتوموبىللارغا زىيان يەتكەن.
قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىزدەش ئىتلىرىمۇ ياردەم قىلىۋاتقالىقىنى، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ياش بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەترەتلەر بىر ئۆيدە ياشايدىغان ياشانغان ئەر-ئايال ۋە يەنە بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان تۆت ساياھەتچى بولۇپ، جەمئىي ئالتە كىشىنى ئىزدىمەكتە. ئالاقىدار ئەمەلدار جەسىتى تېپىلغان ئايالنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.
بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەت تەۋەلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ جۈمە كۈنى سائەت 15:00 تە ئافىنا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلانغا يېتىشىش ئۈچۈن قونغان يېرىدىن ئايرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەمما بۇ ئىشقا ئاشمىغان.
پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىدى. ئافىنا شەھەر باشلىقى خارىس دۇكاس جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنىڭ تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇكاس: «ئىشلار قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تەتۈر كەتتى» دېدى.
نۇرغۇن مېھمانساراي ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئىجارە ئۆيلەرگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان پلاكا رايونى ئاكرپولىس ۋە زېئۇس ئىبادەتخانىسىغا ئوخشاش ئافىنانىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يېنىغا جايلاشقان.





















