خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
خۇسىيلار دېڭىز لىنىيەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى

يەمەندىكى خۇسىي ھەرىكىتى، دېڭىز لىنىيەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەرىكەتلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى. خۇسىيلار، بۇ قەدەملەرنىڭ يېقىن شەرقتە ئەۋج ئېلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار بىلەن بىۋاسىتە باغلانىشلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

يەمەندىكى خۇسىيلار، رايوندا ئۆرلەۋاتقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن قىزىل دېڭىزدا ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا "تولۇق ۋە تولۇقلىمىلىق بىر چەكلىمە" يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاراخوتلارنىڭ قايتىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel launches air strikes across Iran as Middle East war explodes again

خۇسىيلار يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ يافا رايونىدىكى "سەزگۈر" دەپ سۈپەتلىگەن نىشانلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۆز نىشانىغا "ئېنىق تەككەنلىكىنى" ئىلگىرى سۈردى.

"جىددىيچىلىككە جىددىيچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز"

خۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ؛ ئىران، پەلەستىن، لىۋان، ئىراق ۋە يەمەندىكى "تاجاۋۇزچىلىقىغا" جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى» بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە، مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «جىددىيچىلىككە جىددىيچىلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرىمىز» دېيىلدى ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقى سىگنالى بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدىن مەزكۇر دەۋالارغا قارىتا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەتىگەن تەرەپتە يەمەندىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋاقىتلىق تۈستە ئۇچۇشلارغا تاقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

رايوندىكى بۇ ھەرىكەتلىنىشلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياغدۇرۇشنى باشلىشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك بىر رايون خاراكتېرلىك ئەۋج ئېلىشقا ئايلانغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ئىراننىڭ غەربىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىنى نىشانلىغانلىقى، پايتەخت تېھراندىن تاشقىرى ئىسفاھان ۋە تەبرىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran-Israel exchange intensifies with missile barrages and cross-border strikes
ئىزدىنىڭ
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ