خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو، مېتېئورولوگىيە خاتىرىلىرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن يامغۇرغا سەھنە بولماقتا. شەھەردە 34 كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر، تارىختىكى بارلىق رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدى.
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە / AFP

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت توكيودا 27-ئاۋغۇستتىن بۇيان ھەر كۈنى يامغۇر ياققانلىقى خاتىرىلەنگەن.

كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىنلىشىۋاتقان تەيفۇڭ بورانلىرى، تۇراقلىق كۈز يامغۇرى سېپى ۋە تۆۋەن بېسىم ئويمانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇزىراپ كەتكەن يامغۇرلۇق ھاۋارايى تارىختىن ئورۇن ئالغان.

ئالدىنقى رېكورت، 2019-يىلى 27-ئىيۇندىن 29-ئىيۇلغىچە خاتىرىلەنگەن ئۇدا 33 كۈنلۈك يامغۇر يېغىش جەريانى ئىدى.

نۆۋەتتىكى جەرياندىكى ئەڭ قاتتىق يامغۇر، 156 مىللىمېتىر بىلەن 21-سېنتەبىر مەركىزىي توكيودا ئۆلچەنگەن. دۈشەنبە كۈنىگىچە مەركىزىي توكيودىكى ئومۇمىي يامغۇر مىقدارى 629 مىللىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان سېنتەبىر ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

شەرقىي ۋە غەربىي ياپونىيە ئېغىر تەسىر ئاستىدا

سەيشەنبە كۈنى يامغۇر، شەرقىي ۋە غەربىي ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسمىنىمۇ ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ يامغۇرلۇق مەزگىلنىڭ دەرھال ئاخىرلاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېغىر دەرىجىدە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈز يامغۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە بولۇپمۇ شەرقىي ياپونىيەدە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياپونىيەنىڭ كۈز يامغۇرى پەسىللىك ھاۋا ماسسىلىرىنىڭ دۆلەت ئۈستىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىمسىز ھاۋا شارائىتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Landslides and flooding kill two in Japan after Typhoon Dujuan
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
پاكىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
تۈركىيە ماھىرى فەرھات ئارىجان دۇنيا لوڭقىسى گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە  ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
نىگېرىيەدە كان ئىشچىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى