پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈركىيە
5 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يۈكلەنگەن يېڭى ۋەزىپە
تۈركىيە گەرچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلارنى ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوللانغان ھەمدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە دۇنياغا يېڭى ھەربىي تاكتىكىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان مۇھىم مەركەزگە ئايلاندى.
تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يۈكلەنگەن يېڭى ۋەزىپە
The Blue Homeland-2026 exercise concludes with live-fire drills

سەرتاچ ئاكسان

تۈركىيە گەرچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلارنى ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە دۇنياغا يېڭى ھەربىي تاكتىكىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم مەركەزگە ئايلاندى. بۇ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئالدى بىلەن چارلاش، كۆزىتىش ۋە ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئارقىدىن، تۈركىيە ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان بومبا ۋە ئوق-دورىلار بۇ سىستېمىغا بىرلەشتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەزكۇر ئاپپاراتلار جەڭ مەيدانىدىكى ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتكۈچى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق پەقەتلا «نىشاننى بايقاش ۋە ئۇنى يوقىتىش»تىن ئىبارەت ئاددىي قېلىپتىن ھالقىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان «دېڭىز بۆرىسى-II» ھەربىي مانېۋىرىدا ئىجرا قىلىنغان بىر ۋەزىپە — يېقىن كەلگۈسىدە بىزنى يەنە قانداق تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ قېتىمقى مانېۋىردا، «بايراقتار TB-3» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مەلۇم بىر نىشاننى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە «ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم» قوزغاش ئۈچۈن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. دۈشمەن رادارلىرىنى بايقاش، سىگناللىرىنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش... بىز دەل مۇشۇ مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدىكى بىر ئۇرۇش پاراخوتىدىن قوزغالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا توختىلىۋاتىمىز.

بۇ — دۇنيا ھەربىي تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن تۇنجى قېتىملىق نەتىجە. ھەتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى («ناتو»)غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىمۇ بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدارنى نامايان قىلالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز.

ئۇنداقتا، تۈركىيە زادى قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە بۇ ئىلغار تېخنىكا ئۇنى قانداق يۈكسەكلىكلەرگە باشلاپ بارىدۇ؟

***

تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە

مانېۋىر پىلانى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ «ئانادولۇ» (TCG Anadolu) ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «بايراقتار TB-3» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، تۈركىيە «ئاسەلسان» (Aselsan) شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان «ئانتىدوت» (ANTİDOT) ناملىق مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق ئاسما قاپلارنى ئېلىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى.

بۇ يەردە مەزكۇر ئاسما قاپلار ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەيلى... «ANTİDOT 2-U/ES 100» تىپلىق ئاسما قاپ — ئېلېكتىرونلۇق قوللاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ دۈشمەن رادارلىرىنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقىنى ئېنىقلاپلا قالماي، باشقا ھالقىلىق ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلگەن يەنە بىر ئاسما قاپ بولسا «ANTİDOT 2-U/EA 200» تىپلىق ئۈسكۈنە بولدى. بۇ قاپ بىۋاسىتە ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. يەنى، ئۇ دۈشمەن نىشانلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپلا قالماي، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رادار ۋە خەۋەرلىشىش سىگناللىرىنى بېسىقتۇرۇش، ھەتتا ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىلىرىنى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلاشتەك ئېغىر ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ — دۇنيا ھەربىي تارىخىدا تۇنجى قېتىم دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتىدىن قوزغالغان بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشىدۇر... بۇنداق يۈكسەك نەتىجە پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەنقەرەنىڭ دوستلىرى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئىستراتېگىيەلىك ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى غايەت زور جەڭگىۋار كۈچكە ئېرىشتى

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېلېكتىرونلۇق ياردەم ۋە ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم ۋەزىپىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى — ھەقىقەتەنمۇ ھەربىي ساھەدىكى غايەت زور بىر ئىنقىلابتۇر. ئىلگىرى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى ھاۋادىن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، دېڭىز ئۈستى چارلاش ئايروپىلانلىرىنى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشلىتەتتى. ھاۋا ئارمىيەسى بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلانلارنى مەخسۇس سەپەرۋەر قىلاتتى.

بىراق، بۇ ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئىنسان ھاياتىنى بىۋاسىتە خەتەرگە ئىتتىرىشتەك ئېغىر بىر يېتەرسىزلىك مەۋجۇت ئىدى. يەنى، ئۇچقۇچىلار يا ۋەزىپىنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئېغىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ دۈشمەنگە زىيادە يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولاتتى؛ ياكى خەتەردىن ساقلىنىپ يېتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆزلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق زەربە بېرىش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمەيتتى.

مانا ئەمدىلىكتە، تۈركىيە بۇ قىيىن مەسىلىگە ئۈنۈملۈك بىر چارە تاپتى. ئۇلار تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغار، شۇنداقلا ناھايىتى يېنىك ئېلېكتىرونلۇق ئاسما قاپلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى. ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپارات سۇپىلىرىغا  ماھىرلىق بىلەن سەپلەش ئارقىلىق، دۇنيادا ئىنتايىن قىممەتلىك، شۇنداقلا تۇنجى قېتىملىق بىر نەتىجىنى ياراتتى. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېنىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئېلىپ ئۇچىدىغان يۈك قانچىلىك يېنىك بولسا، ئۇلارنىڭ ھاۋادا پەرۋاز قىلىش ۋاقتى ۋە ئۇچۇش مۇساپىسىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ.

نۆۋەتتە، مەزكۇر ئىلغار ئاسما قاپلار سەپلەنگەن تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پەقەت دېڭىزدىكى دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قارشىلا ئىشلىتىلمەيدۇ. بەلكى، ئۇلار يەنە ئارال ۋە تاقىم ئاراللارغا ئوخشاش مۇرەككەپ مۇھىتتىكى ھالقىلىق نىشانلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە يوقىتىشتا، شۇنداقلا دېڭىز قىرغاقلىرىغا جايلاشقان دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە نۇقتىلىرىغا دەل جايىدا زەربە بېرىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر زەربىدار كۈچكە ئايلىنىدۇ.

***

«ناتو» ئىتتىپاقىدا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەدىن باشقا بۇ مەشغۇلاتنى قىلالايدىغان دۆلەت يوق

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە يېقىن كەلگۈسىدە «ناتو» باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. ئەنقەرەگە يىغىلىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ نەزىرى چوقۇم تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى قازانغان يېڭى نەتىجىلەردە بولىدۇ. دېڭىزدىكى بىر ئۇرۇش پاراخوتىدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بارالايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ دەل تۈركىيە بولۇشى — بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپارات سىستېمىلىرىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ياكى ئېلېكتىرونلۇق جەڭ قاپلىرىنى مۇكەممەل شەكىلدە سەپلىيەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىمۇ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز. ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھەربىي مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەدىن باشقا، بۇ يۈكسەك تېخنىكىلىق ئىقتىدارنى ئەمەلىيەتتە جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بىرەرمۇ «ناتو» غا ئەزا دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس.

تەبىئىيكى، بۇ پايدىلىق ۋەزىيەت ئېلېكتىرونلۇق مەدەت بېرىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن — ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان پۈتكۈل دۇنيا بازىرىدا غايەت زور بولغان ئېكسپورت قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى يارىتىپ بەرمەكتە.

ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزۈپ چىققان بۇ تەرەققىيات پىلانى (يۆنىلىش خەرىتىسى) ئارقىلىق، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان بومبا ۋە ئوق-دورىلارنى، ئېلېكتىرونلۇق جەڭ ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق سېنزور ۋە سۈرەتكە ئېلىش كامېرالىرىنى ھېچكىمگە بېقىنماي ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا جاكارلىماقتا. يەنى، بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ ئىشىكىنى چەككەن دۆلەتلەر، ئەمەلىيەتتە تولۇق ۋە مۇكەممەل بولغان بىر «مۇداپىئە سانائىتى ئېكولوگىيەسى» بىلەن تونۇشۇپ چىققان بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ساھەدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان يەنە بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى... نۆۋەتتە تۈركىيە «بايقار» (Baykar) شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان «ئاقىنجى» (Akıncı) ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا، ئېلېكتىرونلۇق جەڭ ۋە ھۇجۇم ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار سىستېمىلارنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قۇرۇلۇش تولۇق تاماملانغاندا، تۈركىيە «HAVA-SOJ» غا ئوخشايدىغان ئىنتايىن ھالقىلىق بىر ھەربىي مەشغۇلاتنى پۈتۈنلەي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ساناقلىقلا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى