غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ تۈرلۈك رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىشقا باشلىدى.

ناسىر تېببىي ئۇنىۋېرسال مەركىزىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ غەربىدە، ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان چېدىرنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىدا 1 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.

غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شىمالىغا قىلغان ھۇجۇمىدا زىيا ئەبۇ ئەر-رۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى.

شاھىتلار ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن لاگېرنىڭ شىمالىدىكى ئېلېكتر شىركىتى بىناسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى يەتكۈزدى.

مەغازى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شەرقىدە ئەبۇ نامۇس كېسىشكىسىگە يېقىن جايدا پۇقرالار توپلانغان رايون نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ 4 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

يەرلىك مەنبەلەر، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار، توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى ۋە بىر قېزىش ماشىنىسىنىڭ دەير ئەل-بەلاھنىڭ شەرقىدىكى ئەبۇ ھاممام رايونىدىن ۋادى ئەس-سەلقاغا قاراپ نەچچە ئون مېتىر ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنىڭ، «سېرىق لىنىيە» دەپ بىلىنىدىغان لىنىيەنىڭ غەربىدە قالغان پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە بەزى ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغانلىقى، رايوننى ئوققا تۇتقانلىقى ۋە «Quadcopter» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن بومبىلار تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋپسىزلىك شارائىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتكە كېلىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىك ئائىلىلەرنىڭ رايوندىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

غەززەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغىمۇ ھۇجۇملار قىلىندى

غەززەنىڭ شىمالىدىكى شىفا دوختۇرخانىسى مەنبەلىرى، شاتى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بەلاھىيە رايونىدا پۇقرالار توپلانغان يەرنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئارىسىدا ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تەل ئەل-ھېۋا مەھەللىسىدە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئاپتوموبىلغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان ئاراپات ئەل-ئارىرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ ساھىلىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ۋە رايونغا پىلىموتلار بىلەن ئوق چىقارغانلىقى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى تۇففاھ مەھەللىسىگە جايلاشقان سەنافۇر كېسىشكىسى ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭمۇ قاتتىق ئوققا تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك مەنبەلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى بەيت لاھىيانىڭ شەرقىنى، غەززە شەھىرىنى، جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنى ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى دەير ئەل-بەلاھنى زەمبىرەك ئوقى بىلەن نىشان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە بولسا ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىدىن رايوندىكى ماكانىدىن يۆتكەلگەن پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان چېدىرلارغا ئوق چىقىرىلغانلىقى، بەزى چېدىرلارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئالاقىدار ئۇچۇر بېرىلمىدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1580 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 مىڭ 711 كىشى يارىلاندى، خارابىلىكلەر ئاستىدىن 845 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 74 مىڭ 594 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 175 مىڭ 834 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
لا لىگا ۋە مباپپې ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز