ئەنگلىيە مىقياسىدا كۆرۈلۈۋاتقان سالمونېللا يۇقۇمىدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 207 نەپەر كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئەنگلىيە سەھىيە خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 207 كىشىنىڭ يېشىنىڭ 1 دىن 90 گىچە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، يۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە، مەنبەنىڭ ئەنگلىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇم ياكى ئۆي قۇشلىرىدىن بولمىغانلىقى، نۆۋەتتىكى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان تۇخۇملارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنداقلا، كېسەل بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ يۇقۇم بىلەن بۇلغانغان دەپ قارالغان تۇخۇملارنى ئۆيدە ئەمەس، بەلكى قەھۋەخانا ۋە رېستورانلاردا ئىستېمال قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
كەم دېگەندە 34 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا، ئىككى كىشىدە قان ئايلىنىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشى بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.
سالمونېللا يۇقۇمىنىڭ ئالامەتلىرى ئارىسىدا قىزىتما، ئىچ سۈرۈش، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش ۋە قورساق ئاغرىقى قاتارلىقلار بار. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالامەتلەر بىرنەچچە كۈندە يوقاپ كەتسىمۇ، لېكىن بولۇپمۇ كىچىك ياشتىكى بالىلار ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىز كىشىلەردە جانغا زامىن بولۇش خەۋپىنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.



















