خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچلۈك زەربە بېرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى / Reuters

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەتئىيلىك ۋە كۈچ بىلەن» قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

يەمەندە خەلقئارادا تونۇلغان ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىم، يەمەنلىك خۇسىي گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن تەھدىتلەردىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننى نىشانغا ئېلىش ياكى يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش يۆنىلىشىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەتئىيلىك ۋە كۈچ بىلەن» قايتۇرما زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى.

بىرلەشمە قىسىم باياناتچىسى تۇركى ئەل-مالىكى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىققا قارىتىلغان تەھدىتلىرىنىڭ «قېرىنداش يەمەن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىدىن دىققەتنى باشقا ياققا بۇراش تىرىشچانلىقىدىنلا ئىبارەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەل-مالىكى خۇسىي گۇرۇپپىسىنى «ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان ئىقتىسادىي ئاپەتلەرنى ۋە يەمەن خەلقى تارتىۋاتقان ئازابلارنى سىرتقا ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىدى. باياناتچى يەنە، گۇرۇپپىنىڭ يەمەنلىك قەبىلىلەر ۋە ئىجتىمائىي توپلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىدىن كېلىپ چىققان كۈن تەرتىپىنى، قوشنا دۆلەتلەرگە يۆلەپ ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Yemen signs 'largest-ever' prisoner swap deal with Houthis

«ئېنىق بىر خىلاپلىق قىلىش»

بىرلەشمە قىسىمنىڭ بۇ باياناتى، خۇسىي ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىنىڭ سەئۇدى ئايرودروملىرىنى ۋە ھاياتىي مەنپەئەتلىرىنى نىشانلىغان «كەڭ كۆلەملىك» بىر جاۋاب قايتۇرۇش تەھدىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. سەرى خۇسىي قىسىملىرىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە راكېتالىرىنى ئىشلىتىپ سەئۇدى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى، جۈمە كۈنى ئىرانغا تەۋە بىر ئاممىۋى ئايروپىلاننىڭ سەنئا خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇشىنى توسۇش ئۇرۇنۇشىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

سەرى ئايروپىلاندا قاپسىلىپ قالغان، يارىلانغان ۋە كېسەل بولغان 200 دىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يەمەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە تەخمىنەن ئون يىلدىن بىرى ئىراندىن سەنئا ئايرودرومىغا ئۇچقان ۋە خەلققا ئاشكارىلانغان تۇنجى ئۇچۇش بولۇپ، ئەمما ئىران تەرەپ شەنبە كۈنىگىچە بۇ ئۇچۇشنى رەسمىي شەكىلدە تېخى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Saudi Arabia raises concerns with UAE over Sudan war and Yemen policy: report
ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى