خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ھۇسىيلار 20-ئىيۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى «دېڭىز قورشاۋى» باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ھۇسىيلار 20-ئىيۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى «دېڭىز قامىلى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى»نى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار («ئەنسارۇللاھ» ھەرىكىتى) قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىي ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، «ENCELIA» ۋە «LAYLA» ناملىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشنى چەكلەش قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن سەرىي، «بۇ ھەرىكەت كۆپلىگەن باللىستىك بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، نىشانلارغا ئېنىق زەربە بېرىلدى» دېدى.

تەخمىنەن 10 پاراخوتنىڭ كەينىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

يەھيا سەرىي «ئوخشاش دائىرىدە يەمەن قوراللىق كۈچلىرى (يەنى ھۇسىيلار) تەخمىنەن 10 پاراخوتنى چېكىنىشكە ۋە كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېدى: «يەمەن قوراللىق كۈچلىرى سۈپىتىدە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئەگەر دۈشمەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىمىزگە قارشى ھەر قانداق ئەخمەقلىق سادىر قىلسا ياكى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنسا، زېمىنىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە سوزۇلىدىغان چوڭ ھەرىكەتلەر بىلەن قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ».

«ئەنسارۇللاھ» ھەرىكىتى ھەربىي باياناتچىسى سەرىي سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تەخمىنەن 12 يىلدىن بۇيان يەمەن خەلقىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك قورشاۋ يۈرگۈزۈش، دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، پورتلارنى ۋە ئايرودروملارنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەمدە ھاۋادىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ،خەلقنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى بەرداشلىق بەرگۈسىز دەرىجىگە يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى  ۋىلدبېررېس ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
«بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 37 ئاشتى»
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبتىكى يەنە بىر رايونغا كىردى
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى
كانادا ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبەتلىرىنى تېزلىتىدۇ
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركىتىگە قانۇنسىز مەھسۇلاتلار سەۋەبىدىن 629 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى
لاۋروۋ شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى چو بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىلەشتى
كالىباف: ئامېرىكانىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىت
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى