ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە ۋاسىتىچىلىق رولى ئويناۋاتقان پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن رىزا نەقۋى تېھراندا پىرېزىدېنت مەسئۇد پېزەشكىيان بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، تېھراننى زىيارەت قىلغان نەقۋى پېزەشكىيان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
سۆھبەتتە، ئىران ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «ئالاھىدە مۇناسىۋەتلەر ۋە چوڭقۇر رىشتىلەر» نى تەكىتلىگەن پېزەشكىيان، ئىراننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران پىرېزىدېنتى پېزەشكىيان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەۋجۇت ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئىران، ئىككىلا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئويغۇن بولغان بارلىق ساھەلەردە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئورتاق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يولىنى ئېچىشقا تەييار. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ھەمدە رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىق بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.»
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى بولسا، تېھران زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسكەندەر موئمىنىنىڭ پاكىستانغا قىلغان ئاخىرقى زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر ۋە پىكىر بىرلىكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «كۈچلۈك ۋە كۆپ يىللىق رىشتىلەر» بارلىقىنى ئەسكەرتكەن پاكىستانلىق مىنىستىر: «ئىران-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى كۈچلۈك ۋە ئۈزۈلمەستۇر ھەمدە ئىسلاماباد، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

















