ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋىستىرالىيە، باربادوس، بىرازىلىيە، كانادا، ھىندىستان ۋە كېنىيە خەلقئارا قانۇننى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق شېرىكلىرى تەشەببۇسىنى قوزغىدى.
نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ھارپىسىدا قوزغىتىلغان تەشەببۇسقا ئالاقىدار، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق شېرىكلىرى» تەشەببۇسىنىڭ ئاۋىستىرالىيە، باربادوس، بىرازىلىيە، كانادا، ھىندىستان، كېنىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشما ياردىمى بىلەن يولغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئوخشىمايدىغان قىتئەلەردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بىر قاراشتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن باياناتتا: «بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ھەل بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا، ئورتاق نىشاننىڭ خەلقئارا قانۇننى قوغداش، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە خەلقلەر ئۈچۈن تىنچلىق ھەمدە پاراۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
كېلىمات ئۆزگىرىشىدىن دۇنياۋى سەھىيەگىچە، تېخنىكىلىق تىپ ئۆزگەرتىشتىن خەلقئارا خەۋپسىزلىككىچە بولغان دەۋر مەسىلىلىرىنىڭ ئورتاق ھەل قىلىش چارىلىرىگە موھتاج ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن باياناتتا: «شۇڭلاشقا بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قايتۇرىدىغان جاۋابىمىزمۇ ئورتاق بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلەندى.
باياناتتا: «سۆزىمىز ئىنتايىن ئاددىي: بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا تېخىمۇ كۈچلۈكمىز ۋە بىز بىرلىكتە، ئورتاق پىرىنسىپلىرىمىزنى كونكرېت نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرالايمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
«مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ ھالدا بىر تەرەپ قىلالايمىز»
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا تەشەببۇسقا مۇناسىۋەتلىك نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۈللىرىدىن، ياۋروپا قىتئەسىگە پاراۋانلىق ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە دۇنياغا كەلگەن بىر تەشكىلاتنىڭ قالتىس ئۆرنىكىدۇر ۋە بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا قەتئىي ئىرادىمىز بار»
بۇ تەشەببۇسنىڭ ب د ت نىڭ ئورنىنى ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ب د ت نى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كوستا: «بۇ بىر تاللاش ئەمەس. بۇ غايىۋىلىكمۇ ئەمەس. بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار، چۈنكى بىز پەقەت بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ ھالدىلا ھەل قىلالايمىز» دېدى.





















