ئاباشېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تاتارىستانغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن بىرىنىڭ نىجنېكامسك شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە تەگكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئاباشېۋ: «ھۇجۇمدا 4 كىشى يارىلاندى ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا» دېدى.
تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رۇستەم مىننىخانوۋمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا زاكامىيە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىننىخانوۋ: «كارخانىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسى توختاپ قالمىدى» دەپ چۈشەنچە بەردى.
200 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، كېچىدە ئۇكرائىناغا تەۋە 231 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ موسكۋانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك رايونلار ۋە ئازوۋ دېڭىزى ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېچىدىن بۇيان موسكۋاغا قاراپ ئۇچۇپ كەلگەن 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.














