بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2025-يىلى ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ رېكورت سەۋىيەگە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«غەززە 186 نەپەر ئىنسانىي ياردەم خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇدا ئۈچىنچى يىلىمۇ ئەڭ كۆپ جانغا زامىن بولغان رايون بولۇشنى داۋاملاشتۇردى.»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 19-ئاۋغۇست «دۇنيا ئىنسانىي ياردەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا: «2025-يىلى 907 نەپەر خىزمەتداشىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، يارىلىنىشى ياكى تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە يېڭى بىر رېكورت يارىتىلدى» دېيىلدى.
ئالدىنقى يىلى ئىنسانىي ياردەم خادىملىرى ئارىسىدىكى تالاپەت سەل تۆۋەنلەپ 350 كە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي زوراۋانلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇملاردا 322 ياردەم خادىمى يارىلانغان، 235 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:
«غەززە 186 نەپەر ئىنسانىي ياردەم خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئەڭ خەتەرلىك رايون بولدى. غەززەدىن كېيىن 71 ياردەم خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان سۇدان ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2026-يىلى ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا 82 ياردەم خادىمى ئۆلتۈرۈلدى، 97 نەپىرى يارىلاندى ۋە 39 نەپىرى تۇتقۇن قىلىندى».
قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالاھىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپ مىقداردا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە مارت ئېيىدا بىر بىناغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر نەپەر ياردەم خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇكرائىنادا ماي ئېيىدا پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدە تۆت قېتىم ئىنسانىي ياردەم كارۋانلىرى بومباردىمان قىلىنغان. سۇداندا بولسا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى 2026-يىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا بازارلارنى ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىپ، پۇقرالار تالاپىتىنىڭ % 80 نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دوكلاتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ياردەم ماسلاشتۇرغۇچىسى توم فلېتچېر: «پەقەت ئۈچ يىل ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇق ياردەم خادىمى ئۆلتۈرۈلدى، بۇ ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دېدى.
بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى پەقەت ئېلان قىلىپ قويۇشنىڭ ياردەم خادىملىرىنى قوغداشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن فلېتچېر، دۆلەتلەرنى خەلقئارا ئىنسانىي قانۇنلارنى قوللاش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنى ۋە ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.

















