يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەگە تەۋە بىر دانە «يەر شارى لاچىنى» (Global Hawk) تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سەيشەنبە كۈنى ياپون دېڭىزى ئۈستىدە يوقاپ كەتكەن.
يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. مەزكۇر ھاۋا ئاپپاراتى ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى توتتورى ئىشتاتى دېڭىز ساھىللىرىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۇچۇۋاتقاندا، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:58 ئەتراپىدا ئالاقە ئۈزۈلگەن.
ھاۋا ئارمىيە دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇشنى «مەشىق ئۇچۇشى» دەپ ئاتىدى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى كېيىنرەك دېڭىز يۈزىدىن «يەر شارى لاچىنى» غا تەۋە دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان پارچىلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ياپونىيە ئامېرىكا مۇداپىئە شىركىتى نورتوپ گرۇمماندىن سېتىۋالغان ئۈچ دانە «RQ-4 Global Hawk» تىپلىق رازۋېدكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاپپاراتلار تۇنجى بولۇپ 2022 – يىلى ياپونىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ئائومورى ئىشتاتىغا جايلاشقان مىساۋا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.




















