بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2006-يىلىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
جەنۇبىي كورېيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى.
يۇنخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ باياناتىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەگە قارشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ قالغانلىقىغا ئائىت رازۋېدكا ئۇچۇرىغا ئاساسەن بىر يۈك پاراخوتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە «قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى جەزملەشتۈرۈلگەن ۋە پاراخوت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن» مارت ئېيىدا تۇتۇپ قىلىنغان.
پاراخوت سېئۇلنىڭ تەخمىنەن 60 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى پيوڭتەك شەھىرىدىكى پورتقا ئېلىپ بېرىلغان.
ب د ت خەۋپسىىزلىك كېڭشى يادرو پىلانى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە 2006-يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.



















